ھەققىمىزدە

خىرىستىيانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى تارىخ ۋە بېشارەتلەر بىلەن بىزگە سۆز قىلىدۇ. ئۇ بىزگە نېمىلەرنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن يۈز بەرگەنلىكى ۋە يېقىندا يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر مۆلچەردە، دۇنيانىڭ ۋەيران بولۇشىدىن ئىلگىرى ئەڭ ئاخىرقى ئاگاھلاندۇرۇشنى ئوقۇيالايمىز.

ۋەھىيدىكى ئۈچ پەرىشتىنىڭ چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن بۇ ئاگاھلاندۇرۇشى ئۈچ بۆلۈم بىلەن كەلگەن. بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ ھەر بىرى پۈتۈن دۇنيانىڭ قۇلاق سېلىشى ئۈچۈن بەك مۇھىمدۇر.

  • بىرىنچى پەرىشتە بىزگە جەننەتنى، تۇپراقنى ۋە دېڭىزنى ياراتقۇچى خۇداغا ئىبادەت قىلىشىمىزغا بۇيرۇيدۇ. بىزنىڭ ياراتقۇچىغا ئىبادەت قىلىشىمىز كېرەك، چۈنكى ئۇنىڭ ئىنسانلارنى سوراق قىلىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى. بۇ بىرىنچى پەرىشتە بىزگە خۇدانى قانداق تونۇيالايدىغانلىقىمىزنى ۋە سوراقتىن ئۆتۈش ئۈچۈن قانداق تەييارلىنالايدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ بېرىدۇ.

  • ئىككىنچى پەرىشتە بولسا ئاخىرلىشىش ۋاقت زاماندىكى دىنىي مۇرتەدلىكتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. ياراتقۇچى خۇدا ۋە ئۇنىڭ نازىل بولغان سۆزىنى شەرەپلەندۈرمەيدىغان دىنىي سېستىمىلاردىن «چىقىپ كېتىشىمىز» بىزگە ئېيتىلىپ ئۆتكەن.

  • ئۈچىنچى پەرىشتە بولسا شەيتاننىڭ ياراتقۇچى خۇدا ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە قارشى ئاخىرقى ھۇجۇمىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن، مۇرتەد دىنى سېستىمىسىنى ئىشقا سالىدىغانلىقى توغرىلىق بىزنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. شەيتانغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئۈستىگە «بەلگە» قويۇلىدۇ ۋە خۇداغا سادىق قالغانلار زىيانكەشلىككە يولۇقىدۇ. بىراق خۇدا، بۇ دەھشەتلىك بەلگىسى بولغان كىشىلەرگە يەتتە بالايىئاپەت جازالىرىنى تۆكۈپ تاشلايدۇ. خۇداغا ئىمانى ۋە ئىتائەتمەنلىكى بولغان خەلقى ئۆلۈۋاتقان يەر شارىنىڭ خارابىلىرىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. ئۇلار خۇدا بىلەن بىللە جەننەتكە بارىدۇ ۋە ئۇنىڭ دۇنيانى ئەڭ دەسلەپكى مۇككەممەل شەكلى بىلەن قايتىدىن يارىتىشىنى كۆرىدۇ.

قىسقا خەۋەرلىرىمىز ئۈچۈن تىزىملىتىڭ

يېڭى مەتبۇئاتلار چىققاندا ئەڭ بۇرۇن خەۋەردار بولۇڭ!

newsletter-cover