ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئويلاشنىڭ يولى

ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئويلاشنىڭ يولى

خۇلاسە

خۇدانىڭ پەيغەمبەرلىرى سىمۋوللۇق كود ئىسمى «بابىل» تەرىپىدىن تەسۋىرلەنگەن خەتەرلىك بىر دىنىي كۈچ توغرىلىق خەۋەر بەرگەن. بىشارەتكە قارىغاندا، بۇ كۈچ بىزنى ساختا ئىبادەت قىلىشقا زورلىمەكچى ۋە قايىل قىلىشقا تىرىشماقچى. بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولى ئۆزىمىز ئۈچۈن ئويلىنىش ۋە خۇدانىڭ نازىل قىلغان سۆزلىرىگە بولغان ساداقىتىمىزدا چىڭ تۇرۇشتۇر. دۇنياۋى كىرزىس چاغلىرىدا بىزنىڭ دانا ۋە ئېھتىياتچان مۆمىنلەردىن بولالىشىمىز ئۈچۈن، بۇ رىسالە بىزگە زېھنىمىزنى قانداق چىنىقتۇرىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

تۈر

رىسالە

نەشىر قىلغۇچى

Sharing Hope Publications

مەۋجۇت سانىنىدا:

37 تىللار

بەتلەر

6

چۈشۈرۈش

ئۇزۇن يول ماڭغاندىن كىيىن بىز گۇنۇڭ داتۇك چوققىسىغا يېتىپ چىقتۇق. مەنزىرىدىن ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن يېڭى دوستۇم ئادزاك بىلەن ئولتۇردۇق. ئۇزۇن ئۆتمەي بىزنىڭ پارىڭىمىز دېنى تېمىلارغا يۆتكەلدى.

«مەن ھۆر ئويلايدىغان بىرسى،» دېدى ئادزاك. «دۇنيا توغرىلىق مېنىڭ شەخسى كۆز قاراشلىرىم بار.»

«ھە، شۇنداقمۇ؟» دېدىم مەن. «مەن نۇرغۇنلىغان مالايسىيالىق ياشلارنىڭ ئۆزلىرىنى ھۆر ئويلايدىغانلار دەپ تونۇيدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم.»

ئادزاك كۈلۈپ كەتتى. «بىز ئۆزىمىز توغرىلىق ئويلىنىپ بېقىشىمىز كېرەك. بولمىسا كۆپ قايمۇقۇش بولۇپ كېتىدۇ. بۇ سېنى ساراڭ قىلىۋېتىدۇ.»

«ئۆيگە قايتقىنىڭدىچۇ؟» دەپ سورىدىم. «مالايسىيادا نۇرغۇنلىغان ياشلار ئۆزلىرىنى ھۆر ئويلايدىغانلار دەپ ئاتايدۇ، بىراق ئۆيۈڭدە، يا ئىسلام ياكى بۇددىزىمنىڭ قائىدىلىرىگە بېقىپ ئىش قىلىشىڭ كېرەك.»

«ئاتا-ئاناڭغا قانداق دەيسەن؟»

«مەن ئۇلارغا ئېيتمايمەن.» دەپ جاۋاپ بەردى ئادزاك. «مەن پەقەت ئۇلارنىڭ كۈتكىنى بويىچە ھەرىكەت قىلىمەن. مەن ھۆر ئويلىيالايمەن، لېكىن بۇنى پەقەت ئۆزۈملا بىلىمەن.»

ھۆر ئويلاش مۇھىممۇ؟

دۇنيانىڭ بەزى جايلىرىدا، باشقا كۆز قاراش سىزنى جەمىيىتىڭىزدىن ئايرىپ تاشلىشى، خىزمىتىڭىزدىن ھەيدىۋىتىشى ۋە ھەتتا ئۆلتۈرىۋېتىشى مۇمكىن. ئۆزىڭىزنى ئويلاش خەتەرلىك بولۇشى مۇمكىن. بىراق بۇ مۇھىممۇ؟

بىزنىڭ دۇنيارىمىز ياخشى ۋە يامان ئىدىيەلەر بىلەن تولۇپ تاشقان. ياخشىلارنى يامانلاردىن سۈزۈپ چىقىشقا باشلاشنىڭ مۇھىم بىر يولى بولسا ئۇلار توغرىلىق ئويلىنىش ۋە پاراڭلىشىش. ئەگەر سىز ئالتۇن، زەپىران ۋە ياكى ئايفونغا ئوخشاش قىممەت بىر نەرسە ئالسىڭىز، ئۇنى ئېلىپ مۇنداقلا ئۆيىڭىزگە كەتمەيسىز. ئۆزىڭىززنىڭ ئەڭ سۈپەتلىك بىر مەھسۇلات ئالغانلىقىزنى جەزىم قىلىش ئۈچۈن، سىز ئۇنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ، باشقا رىقابەتچىلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىقىسىز. ئىدىيەلەرمۇ ئوخشاش مۇئامىلىگە ئۇچرىشىشى كېرەك.

دۇنيادا بەك كۆپ قايمۇقۇش بار، ۋە كىشىلەر ئۆزىنىڭ قايمۇققان ئىدىيەلىرىنى باشقىلار تاڭماڭچى بولغىنىدا ئەھۋال تېخىمۇ ئوساللىشىپ كېتىدۇ. مەن سىزگە مۇھىم بىر بېشارەت بېرەي. بۇ بىر ئۆزىنىڭ قايمۇققان دىنى چۈشەنچىلىرىنى باشقىلارغا تېڭىشقا ئۇرۇنغان بەزى كىشىلەر توغرىلىق بېشارەتنى چۈشەندۈرگەن «ھەزرىتى ئەيسانىڭ ۋەھىيسى» دېگەن كونا بىر كىتپ. كىتاپتا «گۇمران بولدى! كاتتا شەھەر بابىل گۇمران بولدى، چۈنكى ئۇ ئۆز زىناسىنىڭ كۈچلۈك شارابىنى پۈتكۈل خەلقلەرگە ئىچكۈزگەن» دىيىلگەن.

بۇ سىمۋوللۇق سۆزلەرنى چۈشىنىش تەس ئەمەس. بابىلون مەشھۇر بىر قەدىمى شەھەر، بىراق ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ مەنىسى «قايمۇقۇش» . شەھەر قايمۇققانلىقى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى قايمۇقۇشتىن قۇتۇلۇشنى خالمىغانلىقى تۈپەيلىدىن «گۇمران بولدى». ئۇ خەلقنى ئۇنىڭ روھى زىناسىغا قوشۇلىشى ئۈچۈن ئازدۇردى - ۋە بۇ، ھەقىقى ۋە ساختا ئىبادەتنى ئارىلاشتۇرۇش خۇداغا بولغان خىيانەتتۇر. بۇ خىل خاتا ئىدىيەلەر ئومۇمىلىشىپ، قوبۇل قىلىنغان. بابىلغا مۇناسىۋەتلىك بېشارەت روھىي خاتالىقنىڭ نورماللاشقان دۇنياۋى روھىي پۈتۈنلۈكنىلا كۆرسىتىپ بېرىپلا قالماي، ئەڭ ئاخىرىدا ھەقىقەتنى چىڭ تۇتقان كىشىلەرگىمۇ بېسىم قىلىدۇ.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ۋەھىيسى بۇنىڭ ھازىرقى دەۋرىمىزدە يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا كۆرۈپ يەتكەن. سىز بەلكىم بۇنىڭ ئاللىقاچان يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردىڭىز. خاتا ئىدىيەلەر بىلەن خۇداغا ۋەكىللىك قىلىۋاتقان كىشىلەر بارمۇ؟ ۋىجدانىڭىزنىڭ راھەت بولمىغانلىقىنى ھېس قىلدىڭىزمۇ؟

شۇنداق. بۇ نېمىشقا ھۆر ئويلىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئۆزىڭىزنى ئويلاشنىڭ يولى

نۇرغۇن كىشىلەر ئۆز خەلقىنىڭ دىنىي ئىتىقادىغا ئەگىشىشكە مايىل. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىتىقادى توغرىلىق ئويلىنىپ باقمايدۇ. ئۇلار ئەقىلگە مۇۋاپىق بولمىغان ياكى پايدىسىدىن زىيىنى كۆپرەك بولغان دىنىي ئەنئەنىلەرگە ئىشىنىۋېرىدۇ. بەزىدە بىزگە خۇدانىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ دەپ كۈتكەن دىنىي ئۆلىمالارىمىزنىڭ ئۆزلىرىمۇ چىرىكلىشىپ كەتكەن بولىدۇ.

ھەقىقەتنى قانداق تاپىمىز؟ مەن پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. نېمىشقا؟ ئۈچ خىل سەۋەپ بار:

  1. پەيغەمبىرلەر كەلگۈسى توغرىلىق ھەيران قالارلىق ئۇچۇرلارنى كۆسىتىپ بېرىدۇ. دانىيال ئەلەيھسسالام ياۋروپانىڭ دۇنيانى مۇستەملىكە قىلغۇدەك تارىخى بىر ئورۇنغا ئۆرلەپ چىقىدىغانلىقنى ئالدىن كۆرگەن. ھەزرىتى ئەيسا (ئەيسا مەسىھ) ئېرۇسالېمنىڭ مىلادى 700-يىلىدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئالدىن بىلگەن. مۇسا ئەلەيھسسالام ئىسمائىلنىڭ تارىخىنى ئاخىرىغىچە تولۇق پەرەز قىلغان.

  2. پەيغەمبەرلەر تەن سالامەتلىكى توغرىسىدا ئاجايىپ بىلىملەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن 3 مىڭ 500 يىل بۇرۇن ياشىغان مۇسا ئەلەيھسسالام كارانتېن قىلىنىش، ئەۋرەز سۈيىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى ۋە ستېرىل قىلىشنىڭ پىرىنسىپلىرىنى كۆرسەتكەن. ئۇ ھايۋانلارنى يارتىلىشىتىن پاكىز ۋە پاسكىنا دەپ ئايرىغان. ئۇ بىزنىڭ پاكىز گۆش يېگەن ۋاقتىمىزدا قان ياكى ياغنى يېمەسلىكىمىزنى دېگەن. ھېلىھەم، ئۇنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ۋە تازىلىق قائىدىلىرىگە رىئايەت قىلىدىغان كىشىلەر باشقىلارغا قارىغاندا 15 يىل ئۇزۇن ياشىماقتا.

  3. خۇدا ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشەنگەن ئىتىقادچىلارنىڭ دۇئالىرىنى قوبۇل قىلىدۇ.

پەيغەمبەرلەرنىڭ يازغانلىرى يېتەكلىگۈچى ئۇچۇرلار بىلەن تولغان - بىراق ئۇلاردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن، بىز ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىنىشنى ئۆگىنىشىمىز، ئۆزىمىزنى ئىتىقادىنى سىناپ بېقىشىمىز ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئىتىقادى ئۈچۈن دەلىللەرنى تەكشۈرۈپ تۇرىشىمىز كېرەك. ئويلىنىش بىزنىڭ ھەقىقى دېنىمىزنىڭ مۇھىم بىر قىسمى.

ئەمدى، ئەگەر بىز بىر خاتالىق بايقىساق نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟ ئەڭ دەسلەپتە ئۇبىزگە توغرىدەك كۆرۈنىشى مۇمكىن. ئەمما بىز دەلىل ئىزدىگەن چېغىمىزدا، ئىدىيەدىكى مەسىلىلەرنى بايقاشقا باشلايمىز.

ھەقىقەت دەل ئەكسچە بولىدۇ. ئىھتىياتچانلىق بىلەن تەكشۈرۈلگەندە ئۇ بىر نەرسىسىنى يوقاتمايدۇ. قانچە كۆپ تەكشۈرۈش قىلساق، شۇنچە كۆپ ھەقىقەتنى كۆرۈپ يېتىمىز.

ئىتىقادلىق كىشىلەر دۇنيدىكى ئەڭ ئەقىل كىشىلەر بولۇشى كېرەك، چۈنكى خۇدا بىزگە ھىكمەتنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەگەر سىز ھۆر پىكىر قىلىشتىن ياكى سوئال سوراشتىن چەكلەنگەن بىر يەردە بولسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ خۇدادىن كەلگەن ئەھۋل ياكى ئىتىقاد ئەمەس. ئۇ بىزنىڭ يېقىندىن سۈرۈشتۈرىشكە دەۋەت قىلىدۇ، چۈنكى ھەقىقەت تەكشۈرۈشكە قارشى مەزمۇت تۇرىدۇ. بىراق بابىل سىزنىئازدۇرۇپ يالغاننىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ ئەقلىي تىرىشچانلىقنىڭ ئىشىكىنى تاقىۋېتىپ سىزنى ئۇ يەردە تۇتۇپ قالىدۇ.

ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ بابىلدا تۇرۇۋاتقاندىكىدەك قايمۇققان ھېس قىلسىڭىز، چىقىپ كېتىڭ! خۇدانىڭ ھېكمەت يولىغا كېلىڭ. ئۆزىڭىز ئۈچۈن تەپەككۈر قىلىڭ ۋە قاتتىق سوئاللارنى سوراڭ. ئۈمىدسىزلىككە ئۇچرىمايسىز.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ۋەھىيسى ھەققىدە كۆپرەك بىلگۈڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا بۇ ۋاراقچىنىڭ كەينىدىكى ئۇچۇرلار ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

Copyright © 2023 by Sharing Hope Publications. ئۇشبۇ ئەسەر تىجارەت خاراكتېرى بولمىغان مەقسەت بىلەن بېسىلىشقا ۋە تارقىتىلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.
مۇشۇ ۋاراقچە ئايەتلىرى www.mukeddeskalam.com مۇقەددەس كىتاب ئۇيغۇرچە كالام تەرجىمىس 2012 يىلى نەشىر قىلىنغاندىن ئېلىنغان. ھەم umkj.org ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىن ئېلىنغان. بارلىق ھوقۇقى قوغدالغان.

قىسقا خەۋەرلىرىمىز ئۈچۈن تىزىملىتىڭ

يېڭى مەتبۇئاتلار چىققاندا ئەڭ بۇرۇن خەۋەردار بولۇڭ!

newsletter-cover