
بىر مۆجىزىگە ئىھتىياجىڭىز بارمۇ؟
خۇلاسە
كىشىلەرنىڭ ياردەمگە ئەڭ جىق ئىھتىياجلىق بولغان چاغلىرىدا، ئۆزىنىڭ خەلقىگە مۆجىزىلەرنى ئەۋەتكەنلىكىگە دائىر خۇدانىڭ ئۇزۇن تارىخى بار. مۇقەددەس كىتاب بىزگە شىپا تاپقان كىشىلەر ۋە پەقەت دۇئا قىلىش بىلەن جاۋابىغا ئېرىشكىلى بولىدىغان ئىشەنگۈسىز ھادسىلەرگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ئەمەلگە ئاشقان ئىشارەتلەر توغرىلىق ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ. بۇ رىسالە بىزنىڭ نېمىشقا خۇدانىڭ ئۆزگەرمەس سۆزلىرى بولغان مۇقەددەس كىتاپقا ئىشىنەلەيدىغانلىقىمىز ۋە ئۆزىڭىزنىڭ مۆجىزىلىرى ئۈچۈن قانداق قىلىپ خۇداغا يېقىنلىشىشىڭىز ئۈچۈن بىر نەچچە سەۋەپ بىلەن تەمىنلەيدۇ.
تۈر
رىسالە
نەشىر قىلغۇچى
Sharing Hope Publications
مەۋجۇت سانىنىدا:
34 تىللار
بەتلەر
6
ناھايىتى چوڭ بىر ئائىلىنىڭ ئەزالىرى تېخىمۇ ياخشى بولغان بىر ھاياتقا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن ۋە يېڭى بىر دۆلەتكە كۆچمەكچى بولۇپتۇ. ھالبۇكى، بۇ سەپەر ئاسان ئەمەس بولۇپ؛ ئۇلارنىڭ چوڭ بىر چۆلنى بېسىپ ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن. چۆلدە يىلانلار، چايانلار بار بولۇپ، چۆل بەك ئىسسىق ئىكەن. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كېسەل ۋە ئاجىزلىرى كارۋاننىڭ ئارقىسىدا قالسا، باندىنتلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدىكەن.
ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلارنىڭ يەيدىغانلىرى تۈگىگەن ئىدى ۋە ئۇلارنىڭ يولباشچىسى خۇدادىن مۆجىزە يارىتىشىنى ئىلتىجا قىلىپتۇ. ئەتىسى ئۇلار ئويغانغان چېغىدا، ئۇۋىلىپ ئەتراپقا چېچىلىپ كەتكەن نانغا ئوخشاش نەرسىلەرنى كۆرۈپتۇ. ئۇنىڭ تەمى بەك ياخشى بولۇپ، خۇددى ھەسەلگە مىلەنگەن پىچىنىگە ئوخشايدىكەن. ۋە ھەممەيلەننىڭ قورسىقى تويغۇدەك بار ئىكەن. كۈنلەر بىر بىرىقى قوغلاپ ئۇلار چۆلنى بېسىپ ئۆتۈپتۇ، ئۇلارغا ھەر كۈنى كۆكتىن نان يېغىپتۇ. خۇداغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ئۇلار ساق قالدى!
بۇ ھېكايە ھەيران قالارلىق تۇيۇلۇشى مۇمكىن، لېكىن ھەقىقەتەن يۈز بەرگەن. بۇ سىزگە بەلكىم تەۋرات، زەبۇر ۋە ئىنجىل دەپ تونۇلغان مۇقەددەس كىتابتا تىلغا ئىلىنغان نۇرغۇن مۆجىزىلەردىن بىرى خالاس. مۇقەددەس كىتابتا يۈزلىگەن ھەقىقىي ھېكايىلەر بار، ھەم خېلى كۆپ قىسمىدا خۇدا كىشىلەرنىڭ ھاياتىدا كۆرسەتكەن مۆجىزىلەرنى ئاساس قىلغان. نۇرغۇنلىغان كىشىلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ مۆجىزىلىرىگە مۇھتاج بولغاچقا، بۇ بىزنىڭ دەۋرىمىزدە مۇھىم بىر كىتابتۇر.
ھازىرقى زامان مۆجىزىلىرى
يېقىنقى يىللاردىن بېرى، بىز ئىچكى ئۇرۇش، ئىنقىلاپ، ئىقتىسادىي چۆكۈش، ئىشسىزلىك، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە ئۆلۈملەرگە شاھىت بولدۇق. سىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىڭىزنىڭ قانداقلىقىن بىلمەيمەن. سىز بەلكىم ئائىلىڭىزدىن ئايرىلىپ كەتتىڭىز. بەلكى ئۆلۈم ۋە ھاياتلىق ئارىسىدا ئېسلىپ قالغان سۆيگەن كىشىلىرىڭىز بولۇشى مۇمكىن. سىز بەلكىم ئىش تېپىش ئۈچۈن كۈرەش قلىىۋاتىسىز.
قانداق بىر ھالەتتە بولسىڭىز بولۇڭ، خۇدا سىزگە كۆيۈنىدۇ ۋە بۈگۈنمۇ خۇددى قەدىمىي چاغلاردىكىدەك سىز ئۈچۈن مۆجىزە يارىتالايدۇ. كۆڭلىڭىز يېرىم بولغان چاغلاردا، مۆجىزىلەرگە تولغان مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى رىغبەتلەندۈرەلەيسىز.
دەۋرىمىز ئۈچۈن خۇدانىڭ سۆزلىرى
بەزى كىشىلەر مۇقەددەس كىتابنى ئۆزگەرتىۋىتىلگەن دەپ ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئوقۇشتا ئىككىلىنىپ قالىدۇ. بۇ خاتا كۆزقاراش ئۆزىنى مۇقەددەس كىتابنىڭ مۇرىتى دەپ ئاتىۋالغان بەزى كىشىلەرنىڭ ياشاش ئۇسۇلىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. بەزىدە خىرىستىيانلارنىڭ ھاراق ئىچكەنلىكىنى، قىمار ئوينىغانلىقىنى ۋە ھاياسىز كىيىنگەنلىكىنى، چوشقا گۆشى يىگەنلىكىنى ۋە باشقىلارغا قوپال مۇئامىلە قىلغانلىنى كۆرىمىز.
ئەمەلىيەتتە، بۇ گۇناھلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەس كىتابتا ئەيىپلىنىدۇ. خىرىستىيانلار خۇداغا ئىتائەت قىلماي ياشىسىمۇ، بۇ خۇدانىڭ ئەبەدىي سۆزىنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىدەك ھەقىقەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. يەشايا پەيغەمبەر «ئوت-چۆپلەر قۇرۇپ كېتىدۇ، گۈل-چېچەكلەر سولىشىپ خازان بولىدۇ، پەقەت خۇدايىمىزنىڭ سۆزلىرى ئەبەدىي قالىدۇ» (يەشايا 8:40) دەپ يازغان. ئىنسانلارنىڭ خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان كۈچى بارلىقىغا ئىشىنەمسىز، ياكى ئۇلار ئەسلىدە ئېيتىلغانلارنى ئۆزلىرىنىڭ ناچار ھەرىكەتلىرى بىلەن خاتا تونىتىۋاتامۇ؟
مۇقەددەس كىتاب بىزگە داۋۇت ئەلەيھسسالام ۋە ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى، - ئىچىدە ئون پەرز بولغان چوڭ بىر ئالتۇن ساندۇق - يۆتكىگەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ. ئون پەرز بولسا، خۇدانىڭ ئەخلاقلىق ياشاش قانۇنى بولۇپ، ئىككى يوغان تاش تاختىغا يېزىلىپ بىر ئالتۇن ساندۇقنىڭ ئىچىدە ساقلانغان. توشۇش جەريانىدا، بىر ئادەم ئۇنى ئېلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ساندۇققا قولىنى تەگكۈزىشى بىلەن، ئۇ تۇيۇقسىزلا ئۆلۈپ كەتكەن!
تەكەببۇر قوللارنىڭ ئۇنىڭ سۆزلىرى بولغان مۇقەددەس ساندۇققا تېگىشىگە يول قويمىغان خۇدا، قانداقسىگە يامان ئادەملەرنىڭ ئۇنىڭ يېزىلغان سۆزلىرىگە قايچا ۋە توغرىلايدىغان قەلەم بىلەن تېگىشىگە يول قويسۇن؟ خۇدا ئۆزىنىڭ سۆزلىرىنى قوغدىغۇدەك ئۇلۇغ.
توغرىسىنى ئېيتقاندا، مۇقەددەس كىتاب ئىنسانيەت تارىخىدىكى ئەڭ دەلىللەنگەن كىتابتۇر. تېخى يېقىنقى زاماندا، پەلەستىنلىك ئۈچ بەدىۋى چوپان - مۇھەممەد ئىد-دىب، جۈمە مۇھەممەد ۋە خېلىل مۇسا - تاسادىپىي ئۆلۈك دېڭىز پۈتۈكلىرىنى بايقىدى. بۇ ئاساسلىق بىر ئارخىلوگىيەلىك بايقاش بولۇپ، بۈگۈنكى مۇقەددەس كىتاب بىلەن 2000 يىل بۇررۇن يېزىلغان قەدىمقى مۇقەددەس كىتابنىڭ قوليازمىلىرىنى سېلىشتۇرۇشىمىز ئۈچۈن پۇرسەت بىلەن تەمنىلەيدۇ. بۇ ھەيران قالارلىق دەرىجىدىكى ئوخشاشلىق يەنە بىر قېتىم خۇدانىڭ ۋەھىيلىرىنىڭ ئۆزگەرتىلەلمەيدىغانلىقىدەك پاكىتنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەگەر سىىزگە بىر مۆجىزە لازىم بولسا، مۇقەددەس كىتابنىڭ ئىشەنچلىك بىر مەنبە ئىكەنلىكىگە ئىشەنسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭدا سىز نوھ، ئىبراھىم، يۈسۈپ، يۇنۇس، دانىيال، داۋۇت ۋە سۇلايمانغا ئوخشاش پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەيران قالارلىق ھېكايىلىرىنى تاپالايسىز. باشقا يەرلەردە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك قىسمى ھىكايىلەرنى ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، لېكىن ھىكايىلەرنىڭ ھەممىسى مۇقەددەس كىتابتا بار.
كېلىڭ، ئۆزىڭىزدىكى مۆجىزىنى تېپىڭ
قانداق بىر كىرزىسقا دۇچ كەلگەن بولۇشىڭىزدىن قەتئىنەزەر، مۇقەددەس كىتابتا سىزگە ماس كېلىدىغان بىر مۆجىزە ھېكايىسى بار:
• سىز ياكى سىز سۆيىدىغان بىرىسى كېسەل بولدىمۇ؟ ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان سۈرىيەلىك گېنىرال ناماننىڭ مۆجىزە بىلەن داۋالانغانلىقىنى ئوقۇپ چىقىڭ.
• ئائىلىڭىزنى بېقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتامسىز؟ پەقەت تۈگىمىگەن كىچىككىنە بىر قاچىدىكى ياغ ۋە بىر ئالقان ئۇن بىلەن ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئاچارچىلىقتىن قۇتۇلۇپ چىققان لىۋانلىق تۇل خوتۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ھېكايىسىنى ئوقۇپ چىقىڭ.
• ھاياتىڭىز خەتەر ئىچىدىمۇ؟ خۇداغا بولغان ئىتىقادى بىلەن ئۇرۇشتىن ساق چىققان پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى ئىفوپىيەلىك قۇل، ئېبېد مەلەخنىڭ ھىكايىسىنى ئوقۇپ چىقىڭ.
• ئائىلىڭىز، دوستلىرىڭىز ۋە جەمئىيىتىڭىز تەرىپىدىن رەت قىلىنغاندەك ھېس قىلامسىز؟ سەرگەردان ۋە رەت قىلىنغان چېغىدا خۇدانىڭ مۆجىزىلىرىنى كۆرگەن مىسىرلىق ھەجەرنىڭ ھېكايىسىنى ئوقۇپ چىقىڭ.
• ھاياتتىكى ئاۋارىچىلىقلارنىڭ ئىچىگە چۆكۈپ كېتىپ بارامسىز؟ ھەزرىتى ئەيسانىڭ چۆكۈۋاتقان كېمىدىن شاگىرتلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قولىنى ئۇزىتىپ بوراننى توختاتقانلىقىنىڭ ھېكايىسىنى ئوقۇپ چىقىڭ.
مۆجىزىۋى جاۋاپلار
مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇغان چېغىمىزدا، بىز ئىجابىي ئۈمىد بىلەن دۇئا قىلغۇدەك ئىشەنچكە تولۇپ تاشىمىز. ھەزرىتى ئەيسا: «ئىشەنچىىڭلار بولسا، دۇئا بىلەن تىلىگەن ھەرقانداق نەرسىگە ئېرىشىسىلەر.» دېگەن (مەتتا 22:21). خۇدانىڭ مۆجىزىلىرىگە ئېرىشكەن كىشىلەرنىڭ ھېكايىلىرىنى ئوقۇغان چېغىمىزدا، قەلبىمىز جەننەتكە بولغان تەلپۈنۈشنى كۈچەيتىدىغان ئۈمىد بىلەن ئىلھاملىنىدۇ.
بىر مۆجىزىگە ئىھتىياجىڭىز بارمۇ؟ مۇقەددەس كىتابتىكى مۆجىزىلەردىن ئىلھام ئېلىڭ ۋە خۇدادىن ئۆزىڭىزنىڭ مۆجىزىسى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭ. بۈگۈن ئۇ چوقۇم سىزنىڭ دۇئارىڭىزنى ئاڭلايدۇ!
ئەگەر سىز مۇقەددەس كىتابتىكى مۆجىزىلەر توغرىلىق كۆپرەك ئۇچۇرغا ئېرىشكۈڭىز بولسا، بۇ ۋاراقچىنىڭ ئارقىسىدىكى ئۇچۇرلار ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
Copyright © 2023 by Sharing Hope Publications. ئۇشبۇ ئەسەر تىجارەت خاراكتېرى بولمىغان مەقسەت بىلەن بېسىلىشقا ۋە تارقىتىلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.مۇشۇ ۋاراقچىسىدىكى خۇدادىن نازىل قىلغان ئايەتلىرى www.mukeddeskalam.com مۇقەددەس كىتاب ئۇيغۇرچە كالام تەرجىمىس 2012 يىلى نەشىر قىلىنغاندىن ئېلىنغان. ھەم umkj.org ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىن ئېلىنغان. بارلىق ھوقۇقى قوغدالغان.
قىسقا خەۋەرلىرىمىز ئۈچۈن تىزىملىتىڭ
يېڭى مەتبۇئاتلار چىققاندا ئەڭ بۇرۇن خەۋەردار بولۇڭ!

تاماشىبىنلىرىڭىزنى تېپىڭ
تاللانغان مەتبۇئاتلار
© 2023 Sharing Hope Publications