
ئەنسىز دۇنيادا ئارام ئېلىش
خۇلاسە
بېسىم ۋە ھەددىدىن زىيادە خىزمەت نۇرغۇن كىشىلەرنى مۇددەتتىن بۇرۇن قەبرىگە باشلايدۇ. ھالبۇكى يارىتىلىشتا خۇدا بېسىم ئۈچۈن بىر شىپا بەرگەن ئىدى: بىر كۈنلۈك ئارام. بۇ مۇقەددەس كۈن ئىنسانلارنىڭ ئىشلىرىدىن ئارام ئېلىپ، ۋاقتىنى خۇدا بىلەن ئۆتكۈزىشى ئۈچۈن، بىر بەخت سۈپىتىدە لايىھەلەنگەن. ئەپسۇسكى، خۇدا ئىنسانلارنى ئېسىدە تۇتۇشقا بۇيرۇغان بولسىمۇ، كۆپىنچىسى بۇ ئالاھىدە كۈننى ئۇنتۇپ قېلىشقان ۋە ھەتتا بەزىلەر بۇ كۈننى ئۇلارغا بېرىلگەن ياراتقۇچىنى ئۇنتۇپ قېلىشقان ئېدى.
تۈر
رىسالە
نەشىر قىلغۇچى
Sharing Hope Publications
مەۋجۇت سانىنىدا:
34 تىللار
بەتلەر
6
مىتا دۇران ئۆلدى. ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، 24 ياشلىق ھىندونېزىيەلىك بۇ ئېلان يازغۇچىسى تۇرۇپلا ئىش ئۈستىلىنىڭ يېنىدا يىقىلىپ قالدى. نېمە ئىش يۈز بەردى؟
مىتا بولسا خىزمەت تەلىپى بەك يۇقىرى ۋە خىزمەت مىقدارى ناھايىتى زور بولغان بىر ئېلانچىلىق شىركىتىدە ئىشلەيتتى. جان ئۈزۈش ئالدىدا، ئۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ئۆزىدىكى چارچاش توغرىلىق مۇنداق دېدى: «بۈگۈن كەچ، مەن ئۇدا سەككىزىنچى كۈنى ئىشخانىنىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىپ يۈرىمەن... مېنىڭ ھاياتىم يوق.» دېدى.
ئۇ ئاسىيا نۇسخىسىدىكى قىزىل كالا كوففېئىن ئىچىملىكىغا ئېغىر دەرىجىدە تايىنىۋالغان ئىدى. ئۇ توردىكى ئەڭ ئاخىرقى ئىنكاسىدا: «30 سائەت خىزمەت قىلدىم، ۋە تېخىمۇ كۈچلىنىۋاتىمەن» دەپ سۆز قالدۇردى. ئاندىن ئۇ ئىش ئۈستىلىگە يىقىلىپ، قايتا ئويغانمىدى.
بۇ قانداق بولغىنى؟ شۇنداق، مىتا ھەددىدىن زىيادە خىزمەت قىلىپ ئۆلۈپ كەتتى.
بۈگۈن، بىزنىڭ ئارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئالدىراش كۈنتەرتىپى بار. جەمئىيەت بىزنى كۆپرەك خىزمەت قىلىشقا، كۆپرەك پۇل تېپىشقا، كۆپرەك نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىشقا دەۋەت قىلىۋاتىدۇ. بىز بولساق تۇرمۇش بېسىمى، ئۇيقۇسىزلىق ۋە روھىي بېسىم تۈپەيلىدىن ئازابلىنىۋاتىمىز.
بىز مىتا دۇرانغا ئوخشاش ئۆزىمىزنى ئۆلتۈرۈۋالماسلىقىمىز مۇمكىن، لېكىن تۇرمۇشىمىز ئېغىر يۈك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ خۇدانىڭ بىزگە بەرگەن ئىرادىسىمۇ؟ بىز ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كەتكەندە، تىنچ ھېس قىلالامدۇق؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس!
ئەگەر بىز بەكمۇ ھېرىپ ھالىمىز قالغان بولسا، بۇ خۇدانىڭ بىزدىن ئەستە تۇتۇشىمىزنى ئۈمىد قىلغان نەرسىلىرىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقمىزدىن بولغان. بىز ئۇنىڭ ئارام ئېلىشقا نازىل قىلغان سۆزلىرىنى ئىزدەپ باقايلى.
« ۋاقىتلىق توختىتىش» كۇنۇپكىسىنى بېسىش
خۇدا ئەڭ مېھرىبان ۋە ئەڭ رەھىمدىلدۇر. ئۇ خۇددى يان تېلېفون ياكى خاتىرە كومپيۇتېرغا ئوخشاش، ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنىڭ جىسمانىي، روھىي ۋە مەنىۋى جەھەتتە ئېنىرگىيە تولۇقلاش ئۈچۈن ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا، مۇسا ئەلەيھىسسالام خۇدانىڭ ئەمرنى مۇنداق خاتىرىلىگەن:
شابات كۈنىنى مۇقەددەس دەپ بىلىپ تۇتقىلى يادىڭدا ساقلىغىن. ئالتە كۈن ئىشلەپ بارلىق ئىشلىرىڭنى تۈگەتكىن؛ لېكىن يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتالغان شابات كۈنىدۇر؛ سەن شۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش قىلمايسەن. (مۇقەددەس كىتابنىڭ بىرىچى قىسىم يەنى تەۋرات، مىسىردىن چىقىش 20- پارە 8- ئايەتتىن 10- ئايەتكىچە)
خۇدانىڭ بۇ ئۆزگەرمەس قانۇنى بىزگە يەتتىنچى كۈننى ئەستە تۇتۇش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللاردىكى سۆزلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ يەتتىنچى كۈندىكى ئارام ئېلىشقا بېغىشلانغان كۈنى« شابات » دەپ ئاتىلىدۇ. (ئۇيغۇرچىدىمۇ شەنبە ئەمىلىيەتتە ھەپتىنىڭ يەتتىنچى كۈنى بولىدۇ. شەنبە دىگەن سۆزنىڭ تارىخى ئىبرانى تىلىدىكى شاباتىىن كېلىدۇ.) نېمە ئۈچۈن خۇدا بىزنى بۇنى ئەستە تۇتىشىمىزغا بۇيرىدى؟ چۈنكى ئۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ، ئۇنتۇغاقلىق ئىنسانلاردىكى مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. بىز خۇدانىڭ ئەمىرلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. چۈنكى، بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئەمىرلىرىنى ياد ئەتكەندىلا، ئاندىن توغرا يولدا ماڭالايمىز.
لېكىن نېمە ئۈچۈن دەم ئېلىش كۈنى ئالاھىدە بولىدۇ؟ خۇدا بىزگە دېدى كى:
مەن - پەرۋەردىگار ئالتە كۈن ئىچىدە ئاسمان، زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلارنى ياراتتىم. لېكىن، يەتتىنچى كۈنى دەم ئالدىم. شۇڭا مەن - پەرۋەردىگار دەم ئېلىش كۈنىنى (يەنى شەنبە كۈنى ياكى شابات كۈنى) بەختلىك كۈن قىلىپ، مۇقەددەس كۈن دەپ بەلگىلىدىم. (سۈرە مىسىردىن چىقىش 20- پارە 11- ئايەت).
دەم ئېلىش شابات (يەنى شەنبە كۈنى) مۇھىم بىر ئەسكەرتىش بولۇپ، پەرۋەردىگار ياراتقۇچىدۇر. بەزىلەر خۇدانىڭ ھارمايدىغانلىقىنى سەۋەپ كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ يەتتىنچى كۈنى ئارام ئېلىشقا ئىھتىياجى يوق دەپ قارايدۇ. لېكىن خۇدا ھارغىنلىق سەۋەبىدىن ئارام ئالمىدى. ئۇ بىزگە مۇقەددەس دەم ئېلىش ۋاقتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ يارىتىش خىزمىتىنى توختىتىپ قويدى.
خۇدا دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئىنسانلارغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئۇ يەتتىنچى كۈنىنى دەم ئېلىش كۈنى (يەنى شابات) قىلىپ بېكىتتى، شابات بولسا، دەم ئېلىش ياكى ۋاقىتلىق توختىتىش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، ھەر شەنبە ھەپتىنىڭ يەتتىنچى كۈنى « ۋاقىتلىق توختىتىش» كۇنۇپكىسىنى باسىدىغان ئالاھىدە كۈن. بىز پۈتۈن بىر كۈن بويىچە خىزمەت ۋە مۇقەددەس بولمىغان پائالىيەتلەردىن ئارام ئېلىپ، شۇ كۈنى خۇدا ئۈچۈن ساقلاپ، ئۇنىڭدا خۇدانى ئەسلەپ ۋە ئىبادەت قىلىشىمىز كېرەك.
ئەگەر خوجايىنىڭىز ياكى باشلىقىڭىز كۆپرەك ئارام ئېلىڭ دېسە، بۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟ ھالبۇكى، بۇ دەل خۇدا بىزگە بۇيرۇغىنى ئىدى! خۇداغا مەدھىيە ئوقۇيلى! ئۇ ھەقىقەتەن رەھىمدىل!
خۇدانىڭ كۈنىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ساقلاش
شابات كۈنى پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ مۇقەددەس بايرىمىدۇر. يەھۇدىيلار، خرىستىئانلار، مۇسۇلمانلار، بۇددىستلار ياكى ھىندى دىنى مەۋجۇت بولۇشتىن بۇرۇنلا، ئۇ «ھەقىقىي ياراتقۇچى ئىلاھ» غا ئېتىقاد قىلغۇچىلار - بىر ئىلاھغا ئىتقادچىلار تەرىپىدىن ساقلىنىپ كەلگەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇ دۇنيا يارىتىلغان چاغدا پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئاتا قىلىنغان. ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا شابات كۈنىگە ئەمەل قىلغان. خۇدا ئەزەلدىن بىزنىڭ ئۇ بىزگە ئېيتىپ بەرگەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ قېلىشىمىزغا ئىجازەت بەرمىدى.
ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، شابات كۈنى دائىم ئۇنتۇلۇپ كەتتى. پەيغەمبەرلەر قەدىمكى يەھۇدىلارنى ئۇلار دەم ئېلىش كۈنىنى ئۇنتۇپ قالسا، خۇدانىڭ ئۇلارنى ھالاك قىلىدىغانىقى توغرىلىق ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇشقا بويسۇنمىغاچقا، ئېرۇسالىم ۋەيران بولدى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئۇرۇش ئەسىرى سۈپىتىدە تۇتقۇن قىلىنغان. خرىستىئانلارمۇ شابات كۈنىنى ئۇنتۇپ قالغان، چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ، مۇقەددەس كۈننى شەنبە يەكشەنبە كۈنىگە ئۆزگەرتكەن. مۇسۇلمانلار جۈمە كۈنى مەسچىتكە دۇئا-تىلاۋەت پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ، لېكىن بىزنىڭ يەتتىنچى كۈنى شەنبە ئارام ئالغاندىلا ئاندىن ياراتقۇچىغا تامامەن بويسۇنىدىغانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.
نېمە ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا بۇ مۇھىم كۈننى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلىدۇ؟ بۇ خىل ئومۇميۈزلۈك ئۇنتۇغاقلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان گۇناھكار سەۋەبى بارمىدۇ؟
ئەيسا مەسىھ بىزنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ بىزگە دۇنيا مىقياسىدا بىر كۈچ كېلىدۇ دېدى. ھەم ئۇ شەيتان ئاشۇ كۈچنى پايدىلىنىپ، ئىدىيىمىزنى ياراتقۇچىمىزدىن يىراقلاشتۇرىدۇ دېدى. پات ئاردا مىليونلىغان كىشى ئالدىنىدۇ. ئۇلار خۇداغا ئىبادەت قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلايدۇ. بىراق ئۇلار ھەقىقەتەن خۇداغا ئەمەس، بەلكى شەيتان ساختا ئىلاھقا بويسۇنۇپ يالغان دەم ئېلىش كۈنى يەكشەنبەدە ئىبادەت قىلدۇ. شەيتان بىزنى ياراتقۇچىنىڭ كۈنىنى ئۇنتۇلدۇرۇش ئارقىلىق ياراتقۇچىنىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇپ كېتىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ. ھالبۇكى، بىز ھەقىقىي شابات (يەنى شەنبە) كۈنىنى تۇتقاندا، بىز ياراتقۇچىغا بولغان ساداقىتىمىزنى ئىپادىلەيمىز ھەمدە ئارام ئېلىش، ئازاتلىق ۋە تىنچلىق سوۋغىسىدىن بەھرىمەن بولىمىز.
خۇدانىڭ ئارام ئېلىشىمغا كىرىش
مۇسا ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ يازغان: «خۇدا يەتتىنچى كۈنى بەختلىك كۈن قىلىپ، ئۇنى [مۇقەددەس كۈن] دەپ بېكىتتى.» (ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 2- باپ 3- ئايەت). چارچىدىڭىزمۇ؟ شابات كۈنىنى (يەنى شەنبە كۈنى) تەبرىكلەشتە سىزگە بەخت بار!
ھىندونېزىيەلىك يازغۇچى مىتا دۇران ھەددىدىن زىيادە خىزمەت قىلىپ ئۆلۈپ كەتتى، لېكىن سىزنىڭ بۇنداق بولۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. خۇدا سىزنى ھەر ھەپتىدە جاپا-مۇشەققەتتىن كېيىن ئارام ئېلىپ، شابات كۈنىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ھېس قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ.
ئەگەر سىز خۇدانىڭ بىزگە قانداق ئارام ئالغانلىقى، تىنچلىق ۋە سالامەتلىككە ئەسلىگە كەلتۇرىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز، بۇ ۋاراقچىنىڭ كەينىدىكى ئۇچۇرلار ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
Copyright © 2023 by Sharing Hope Publications. ئۇشبۇ ئەسەر تىجارەت خاراكتېرى بولمىغان مەقسەت بىلەن بېسىلىشقا ۋە تارقىتىلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.مۇشۇ ۋاراقچىسىدىكى خۇدادىن نازىل قىلغان ئايەتلىرى www.mukeddeskalam.com مۇقەددەس كىتاب ئۇيغۇرچە كالام تەرجىمىس 2012 يىلى نەشىر قىلىنغاندىن ئېلىنغان. ھەم umkj.org ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىن ئېلىنغان. بارلىق ھوقۇقى قوغدالغان.
قىسقا خەۋەرلىرىمىز ئۈچۈن تىزىملىتىڭ
يېڭى مەتبۇئاتلار چىققاندا ئەڭ بۇرۇن خەۋەردار بولۇڭ!

تاماشىبىنلىرىڭىزنى تېپىڭ
تاللانغان مەتبۇئاتلار
© 2023 Sharing Hope Publications