
مېھىر- شەپقەتنى ئارزۇ قىلىش
خۇلاسە
خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى نېمىگە ئوخشايدۇ؟ ئۇ پەقەتلا «مەن سېنى ئەپۇ قىلدىم» دەمدۇ، ياكى ئۇ بىزنىڭ نومۇسلۇق تارىخىمىزنى تازىلىشى ئۈچۈن ئورنىمىزدا جازالىنىدىغان بىرنى تەمىنلەمدۇ؟ بۇ رىسالە بىزگە سەپلىمەلىك قۇرباننىڭ يەنى ئورنىمىزدا ئۆلۈم بىلەن جازالىنىدىغان بىرسىنىڭ ئىھتىياجى ۋە مەنىسىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن يەرلىكلەشتۈرۈلگەن ھېكايىسىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلالىنىدىغانلقىغا ۋە ئۇلارنىڭ نومۇسىنىڭ تازىلىنىدىغانقىغا بولغان ئۈمىدىنى تاپالايدۇ.
تۈر
رىسالە
نەشىر قىلغۇچى
Sharing Hope Publications
مەۋجۇت سانىنىدا:
35 تىللار
بەتلەر
6
فاتىمە قۇربان ھېيتتا يالغۇز قالغان ئىدى ۋە بۇ يالغۇزلۇق ئۇنىڭ ئۈچۈن چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئىدى. يالغۇزلۇق ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ خاتالىقى، ئۇنداق ئەمەسمۇ؟
فاتىمە ئەھمەت بىلەن تويى توغرىلىق دادىسى بىلەن ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئېغىر تالاش تارتىشنى ئويلىدى. دادىسى قانداقسىگە ياق دېدى، ھە؟ ئەھمەتكە تېگىش ئۈچۈن قېچىپ چىققىنىدا، دادىسى ئۇنىڭغا قەتئىي قايتىپ كەلمە دېگەن ئىدى.
ئۇ ئەھمەتكە بولغان سۆيگۈسى تۈپەيلى بۇ نومۇسقا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى ئويلايتتى. ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي، دادىسىنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئەھمەت ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ مۇھەبەتلەشكەندە ئويلىغىنىغا ئوخشىمايتتى. ئۇ باشقا بىر ئايالنى دەپ ئۇنى تاشلاپ كەتتى.
فاتىمە ئۆزىدىن نۇمۇس قىلىشقا باشلىدى. ئۇ ئادالەتنىڭ جازالىشىغا ئۇچرىغانلىقىغا ئىشىنىشكە باشلىدى. ئادالەتنى چۈشىنىپ يەتكەن ئىدى. بىراق، ئۇنىڭ قەلبى شەپقەتنى قانداقمۇ كۈتەلىسۇن!
ئەڭ مېھرىبان ۋە ئەڭ مېھىر- شەپقەتلىك
سەمىمىيلىك بىلەن شۇنى دىيىشىمىز كېرەككى، بىز ھەممىمىز خاتالىق سادىر قىلدۇق ۋە نەزىرىمىزنى ھېكمەتنىڭ ئاۋازىدىن قاچۇردۇق. باشقىلارنى رەنجىتتۇق. باشقىلار بىزنى رەنجىتتى. جامائىتىمىز ۋە خەلقىمىز خاتالىق سادىر قىلغان كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان. بىر بىرىمىزنى ۋە ئۆزىمىزنى ئەپۇ قىلىش قانچىلىق تەس، ھە!
ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمىز ئۈچۈن مېھىر- شەپقەت يوقمۇ؟
«بىسسىمىللاھىر رەھمانۇرەھىم» – «ئەڭ شەپقەتلىك ۋە ئەڭ مېھىر- شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن» دېگەن شۇ ئاددى جۈملىنى قانچە قېتىم تەكرارلىغانلىقىڭىزنى ئويلىنىپ بېقىڭ. مېھىر- شەپقەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى نېمە؟
بەلكىم، خەلقىمىز – ۋە ئۆزىمىزنىڭ قەلبى – مېھىر- شەپقەتكە شۇنچىلىك مۇھتاج بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.
مېھىر- شەپقەت – توغرا بىر يول
بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، ئابدۇراھمان ئىسىملىك بىر كىشى قوشنىسى كەرىم بىلەن ئۇرۇشۇپ قاپتۇ ۋە ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىپتۇ. مىسىردىكى بۇ كىچىك كەنتتە، بۇ ئىككى ئائىلىنىڭ ئىناق، كۈندىلىك تۇرمۇشى توختاپ قېلىپتۇ. ئابدۇراھماننىڭ ئائىلسىدىكىلەر ئۇنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قورقۇپ تۇرغىنىدا، كەرىمنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئۆچ ئېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىكەن. ئابدۇراھمان بۇ قىساسنىڭ توختىماي داۋاملىشىشىنى خالىمايدىكەن. شۇڭلاشقا ئۇ يېزىنىڭ ئاقساقاللىرىدىن مەسلىھەت ئالغىلى بېرىپتۇ ۋە ئۇلار ئۇنىڭغا كېپەنلىك مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈشنى مەسلىھەت قىلىپتۇ.
ئابدۇراھمان ئۆزىنىڭ ئاق كېپەنلىكىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر پىچاقنى قويۇپ، پۈتۈن يېزىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بېقىشلىرىغا قارىماي كەرىمنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن بازارغا بېرىپتۇ. ئابدۇرراھمان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كەرىمنىڭ ئاكىسى ھەبىبنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ، پىچاقنى ۋە كېپەننى ئۇنىڭغا سۇنۇپتۇ. ئۇنىڭ مەرھەمەت ئاتا قىلىشىنى ۋە يارىشىپ قېلىشنى تەلەپ قىلىپتۇ.
ھەبىب پىچاقنى ئېلىپ ئابدۇراھماننىڭ بوغىزىغا تەڭلەپتۇ. بۇنى كۆرگەن يېزا ئاقساقاللىرى بىر قويينى ئېلىپ كېلىپتۇ. ھەبىب بىر قارار بېرىشى كېرەك ئىدى: مېھىر- شەپقەتمۇ ياكى قىساسمۇ؟ پىچاقنى ئابدۇراھماننىڭ بوغىزىغا تەڭلەپ تۇرغان قولى بولسا: «سەن ھازىر مېنىڭ ئالقىنىمدا. پۈتۈن كۆزلەر بۇنى كۆرىۋاتىدۇ ۋە ھەممەيلەن مېنىڭ سېنى ئۆلتۈرۈش ھەققىم بولغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا قادىر ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ. بىراق مەن مېھىر- شەپقەتنى ۋە يارىشىشنى تاللىدىم. بۇ قان داۋاسىنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.» دەپ بايانات ئېلان قىلىۋاتاتتى.
ئۇ پىچاقنى كەينىگە تارتىپ، قوينى سويدى. ئازاپ، غەزەپ ۋە ئادالەت بۇ ھايۋان تەرىپىدىن يوق قىلىنغاندىن كىيىن، ھەبىب ئابدۇراھماننىڭ قۇچاقلىشىغا ئېرىشتى. ئىككى ئائىلە ئارىسىدىكى ئىناقلىق ئەسلىگە كەلدى.
ئەگەر ئىنسانلار ئادالەت ۋە شەپقەتنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ يولىنى تاپالىسا، ئەلۋەتتە خۇدامۇ بۇنى قىلىشقا قادىردۇر!
ئەيسا مەسىھ: خۇدانىڭ مېھىر-شەپقەتى
خۇدانىڭ مېھىر- شەپقەتىنى بىز نەدىن بىلەلەيمىز؟ بۇ بەك ئاسان. سىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدانىڭ «شەپقىتى» دەپ ئاتالغانلىقى توغرىلىق ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن. بۇ ئۇنىڭ رەھىم- شەپقەتنىڭ جانلىق ئۈلگىسى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر رەھىم بىر ئادەمگە ئايلىنالىسا، ئەيسا شۇ رەھىم -شەپقەتىدۇر. ئۇنىڭ يولى - ئۇنىڭ بىزگە ئىنجىلنى ئۆگىتىشى، - ئەپۇچانلىق ۋە يارىشىشنىڭ يولىدۇر.
ئەيسا مەسىھ بۇ ئاجايىپ رولنى ئوينىيالايدۇ، چۈنكى ئۇ خۇدا ئەۋەتكەن يېگانە گۇناھسىز بىرىدۇر. ھەر بىر پەيغەمبەر ۋە مۇقەددەس خەۋەرچىلەر ئۆزلىرىنىڭ خاتالىقىلىرى ئۈچۈن ئەپۇغا مۇھتاچ، لېكىن ئەيسا مەسىھ ئۇنداق ئەمەس. باشقىلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇ تېخىمۇ ئۈستۈن. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە قۇدرىتى بىلەن قىيامەت كۈنىنى كۈتۈشنىڭ ئورنىغا بىۋاسىتە جەننەتكە كىردى. نېمىشقا؟ چۈنكى ئەيسا مەسىھ ئەزەلدىن خاتالىق ئۆتكۈزمىگەن، ھەتتا كىچىككىنە ئىشمۇ قىلمىغان. بۇ گۇناھسىزلىق ئۇنىڭ بىزگە رەھىم قىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر ئىدى.
بۇ سەۋەپتىن ئۇ خۇدانىڭ مېھىر- شەپقەتى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ بىزگە ساپ مېھىر-شەپقەتنىڭ ئۆرنىكىنى كۆرستىدۇ ۋە خۇدانىڭ مېھىر-شەپقەتىگە قانداق ئېرىشەلەيدىغانلىقىىمىزنى كۆرسىتپ بېرىدۇ.
ئەيسا مەسىھ ماڭا قانداق ياردەم قىلىدۇ؟
خۇدانىڭ سۆزىدە قەيىت قىلىنىدۇكى، چۆمۈلدۈرگۇچى يەھيا ئەيسا مەسىھنىڭ بىر توپنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى كۆرۇپ، خۇدانىڭ روھىنىڭ يوليورۇق - ئىلھامى بىلەن ئۇ ۋارقىراپ: «مانا، پۈتكۈل دۇنيانىڭ گۇناھلىرىنى ئېلىپ تاشلايدىغان خۇدانىڭ قوزىسى! » (ئىنجىلدىكى «يوھانا بايان قىلغان خوش خەۋەر» 1- پارە 29- ئايەت). ئەيسا مەسىھ بولسا ئابدۇراھماننىڭ ياراشتۇرىلىشىغا سەۋەپچى بولغان قويغا ئوخشايدۇ.
ئەگەر بىز خاتالىقلىرىمىز تۈپەيلدىن جازاغا ئۇچرىساق، ئۇ ئادالەتتۇر. بىراق پۈتۈنلەي گۇناھسىز بولغان ئەيسا مەسىھ، بىزنىڭ خاتالىقىمىزنى ئۆزىنىڭ ئۈستىگە ئېلىشتەك پىداكارلىق كۆرسەتتى. ھېچكىم ئۇنى زورلىمىدى. ئۇ ھەققانىيەتكە بولغان تەلەپكە جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۆلۈمنى تاللىدى. ئۇ بولسا ھازىرغىچە بىردىنبىر پۈتۈنلەي گۇناھسىز بولغان بىرى ئىدى، بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ ئابدۇراھماننىڭ ھېكايىسدىكى قويدەك مۇئامىلىگە ئۇچراشقا رازى بولدى. ئۇ بىز ئۈچۈن ئازاپ چەككەندىن كېيىن، جەننەتكە كىردى. ئۇنىڭ جەننەتكە كىرىش ھوقۇقى بار، چۈنكى ئۇ ئەزەلدىن گۇناھ سادىر قىلمىغان.
ھاياتىڭىزدا بەلكى زىددىيەتلەر بولۇشى مۇمكىن. بەلكى سىز ياخشى كۆرىدىغان قەدىرلىك كىشىلەر تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن فاتىمەگە ئوخشىشىڭىز مۇمكىن. بەلكى سىزنى باشقىلار رەنجىتكەن بولىشى ۋە ياكى باشقىلار ئادالەتسىزلىك بىلەن سىزنىڭ نامىڭىزنى قارىلىغان بولىشى مۇمكىن. بەلكى سىز ئابدۇراھمانغا ئوخشاش، گۇناھكار ۋە ئىنتىقامدىن قورققان بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئەيسا مەسىھ سىزگە ياردەم قىلالايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز خۇداغا تۆۋەندىكىدەك قىسقا بىر دۇئا قىلسىڭىزلا بولىدۇ:
ئى ئەرىشدىكى پەرۋەردىگرىم، مەن ھەرگىز گۇناھلىرىمنى يۇيالمايمەن. بىراق مەن سېنىڭ بىزگە شەپقەت كۆرسىتىپ بىزگە ئەيسا مەسىھنى ئەۋەتكەنلىكىڭنى بىلىمەن. ئۇنىڭ پۈتۈن ئىنسانلارغا قىلغان ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن مېنى ئەپۇ قىلغىن. مېنىڭ ھاياتىمدا سېنىڭ مېھىر-شەپقەتىڭنىڭنى باشتىن كەچۈرگىنىم ئۈچۈن ئەيسا مەسىھنىڭ يولىنى چۈشىنەلىشىمگە ياردەم قىلغىن! قەدىرلىك نامىڭ بىلەن مۇشۇ دۇئانى قىلىمەن. ئامىن.
ئەگەر سىز ئىنجىلدىن بىر نۇسخىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلسىڭىز، بۇ قەغەزنىڭ ئارقىسىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن بىز بىلەن ئالاقە قىلسىڭىز بولىدۇ.
Copyright © 2023 by Sharing Hope Publications. ئۇشبۇ ئەسەر تىجارەت خاراكتېرى بولمىغان مەقسەت بىلەن بېسىلىشقا ۋە تارقىتىلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.مۇشۇ ۋاراقچىسىدىكى خۇدادىن نازىل قىلغان ئايەتلىرى www.mukeddeskalam.com مۇقەددەس كىتاب ئۇيغۇرچە كالام تەرجىمىس 2012 يىلى نەشىر قىلىنغاندىن ئېلىنغان. ھەم umkj.org ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىن ئېلىنغان. بارلىق ھوقۇقى قوغدالغان.
قىسقا خەۋەرلىرىمىز ئۈچۈن تىزىملىتىڭ
يېڭى مەتبۇئاتلار چىققاندا ئەڭ بۇرۇن خەۋەردار بولۇڭ!

تاماشىبىنلىرىڭىزنى تېپىڭ
تاللانغان مەتبۇئاتلار
© 2023 Sharing Hope Publications