ئىبلىس روھلاردىن قوغدىنىش

ئىبلىس روھلاردىن قوغدىنىش

خۇلاسە

يامان روھلار كۈچلۈك، لېكىن ئەيسا مەسىھتەك كۈچلۈك ئەمەس. بۇ رىسالە بىزگە ئەيسا مەسىھنىڭ ئازاپ تارتىۋاتقان كىشىلەردىن جىنلارنى قانداق قوغلاپ چىقارغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ شىپا تېپىشىغا قانداق ياردەم قىلغانلىقىنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. ئۇ بۈگۈن بىز ئۈچۈن شۇنداق قىلالايدۇ. ئۇنىڭ كىتابى بىزنىڭ جىنلارنىڭ پاراكەندىچىلىكى ۋە زۇلىمىدىن قۇتۇلۇپ چىقشىمىز ئۈچۈن بىلىشىمىز كېرەك بولغان ھەر بىر نەرسىنى بىزگە ئۆگىتىدۇ. شۇنداقلا بىزگە ئۇ قايتىپ كېلىشتىن بۇرۇن جىنلارنىڭ ساختىپەزلىرىنىڭ ئالدامچىلىقىدىن قانداق قىلىپ ساقلىنالايدىغانلىقىمىزنى ئۆگىتىدۇ.

چۈشۈرۈش

جىنلار ھەممە يەردە. سىز ئۇلارنى مەيلى روھ، ئەرۋاھ، ئالۋاستى ياكى جىن دەپ ئاتاڭ، ئۇلار قورقۇنچلۇقتۇر. داخانلار، شامانلار، باخشى تېۋىپلار، ۋە تىلسىملار ئىشلىتىش ئومۇملاشقان، لېكىن ئۇلار ھەقىقەتەن بىزنى قوغدىيالامدۇ؟

سىزنىڭ قورقماسلىقىڭىز ئۈچۈن مەن سىزگە قورقۇنچ روھلاردىن قوغدىنىشنىڭ ئۈچ ئاددى قەدىمىنى كۆرسىتىپ بەرمەكچى.

جىنلاردىن قوغدىنىش

بۇ كىشى يالىڭاچ ۋە ۋارقىراۋاتتى. بۇ كىشىنى نۇرغۇنلىغان جىنلار ئەسىر ئېلىۋالغان بولۇپ، ھېچكىم ئۇنىڭغا ياردەم قىلالمايتتى. يېزىدىكىلەر ئۇنى زەنجىرلەپ باغلاپ قويماقچى بولدى، بىراق ئۇ ئىنساندىن ھالقىغان كۈچىگە تايىنىپ زەنجىرنى چېقىپ مازارلىقلاردا ياشاش ئۈچۈن قېچىپ كەتتى. ئۇ ئۆزىنى تاشلار بىلەن كېسىپ، كۈن بويى توختىماي ئېچىنىشلىق ياش تۆكتى.

ئۇ ئەيسا مەسىھ ئىسىملىك بىر كىشى كەلگەنگە قەدەر ئۈمىدسىز ھالدا بۇ شارائىتتا قامالغان. بۇ كىشى شۇنچىلىك ئازاب چەككەن بولۇپ، ئاغزىنى ئېچىپ ياردەم قىلىشىنى ئۆتۈنگەندە، جىنلار ھەزرىتى ئەيساغا ئۇنىڭ يېنىدىن كەت دەپ ۋارقىرىدى. بىراق ھەزرىتى ئەيسا ئايرىلمىدى. ئۇ نېمە ئىشلار يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلەتتى. قورقمىدى ۋە جىننىڭ ئۇ كىشىنى قويۇۋېتىشكە بۇيرۇق قىلدى.

جىنلار «بىزنى چوڭقۇرلۇققا ئەۋەتمىگىن!» دەپ يالۋۇردى. ئۇلار يېقىندىكى توڭگۇز پادىسىغا كىرگۈزىۋېتىشنى تەلەپ قىلىشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى بۇ كىشىنى قويۇپ بېرىپ پاسكىنا ھايۋانلارنىڭ تېنىغا كىرىشكە بۇيرىدى. تۇيۇقسىز، بۇ كىشىنىڭ ئەقلى ئۇنىڭغا قايتىپ كەلدى ۋە پۈتۈن توڭگۇز پادىسى دېڭىزدىكى قىياغا قاراپ قېچىپ، دېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى.

ئاخىرىدا، بۇ كىشى ھۆرلۈككە ئېرىشتى. ئۇ ئىنتايىن مىننەتدار ئىدى! لېكىن بۇ ئەيسانىڭ يەڭگەن كۈچىنىڭ بىردىنبىر ھېكايىسى ئەمەس. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىبلىس روھلارغا قارشى چەكسىز كۈچى بار ئىدى. ئۇ قەيەرگە بارسۇن، جىنلارنىڭ چاڭگىلىغا چۈشكەن كىشىلەرنى قۇتۇلدۇردى. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇرتلىرىغا ئىبلىسقا قارشى كۈچ بەردى:

قۇلاق سېلىڭلار، مەن سىلەرگە دۈشمەننىڭ پۈتۈن كۈچىنى بېسىپ چۈىشىدىغان ھوقۇقنى بېرىمەن، سىلەرگە ھېچقانداق نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. لېكىن سىلەر روھلارنىڭ بويسۇنغانلىقى بىلەن خۇشال بولۇپ كەتمەڭلەر، بەلكى خۇدانىڭ نامىڭلارنى جەننەتكە پۈتكەنلىكىدىن خۇشال بولۇڭلار (ئىنجىلدىن ئېلىندى، لۇقا بايان قىلغان خوش خەۋەر 10- پارە 19-20 ئەيەتلەر)

بىز ئەيسا مەسىھگە ئەگەشكەن چىغىمىزدا، ھاياتىمىزدا بىخەتەرلىككە ۋە كېلىدىغان ھاياتىمىزنىڭ سۇغۇرتىسىغا ئېرىشەلەيمىز! بىرلىكتە ئىبلىس روھلاردىن ھۆر بولۇشنىڭ ئۈچ قەدىمىگە قاراپ باقايلى.

بىرىنچى قەدەم: ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىسمىنىڭ كۈچىگە ئېرىشىش

بىرىنچى قەدەم خۇدادىن ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىسمى بىلەن قوغدىنىشنى ئىزدەشتۇر. بىز ئۆز ئۆزىمىز بىلەن كۈچسىزمىز. لېكىن بىز ھاياتىمىزنىڭ ئۈستىدىن ئەيسا مەسىھنىڭ ئىسمىنى جاكارلىساق، جىنلار ئاجىزلىشىدۇ. ھەزىرىتى ئەيسا ئېتىقاد قىلغانلارغا دەيدۇ كى: «ئۇلار مېنىڭ نامىم بىلەن جىنلارنى ھەيدىۋېتەلەيدۇ» (ئىنجىل، ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 17:16)

ئەگەر سىز ھەزرىتى ئەيسانىڭ سىزنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىغا چىن قەلبىڭىزدىن ئىشەنسىڭىز، ئۇ شۇنداق قىلىدۇ! خۇداغا مۇشۇ ئاددى دۇئانى قىلىڭ: «ئى پەرۋەردىگار ئىگەم، بىزگە ئەۋەتكەن ھەزرىتى ئەيسانىڭ نامى ئۈچۈن مېنى جىنلاردىن قۇتۇلدۇرغىن!»

ئىككىنچى قەدەم: ئىچىدىن ۋە تېشىدىن پاكلىنىشنى ئىزدەش

ھەزرىتى ئەيسا بىزگە ھاياتىمىزنىڭ ياكى نەرسىلىرىمىزنىڭ بىر كىچىك قىسمىنىمۇ شەيتانغا بەرمەسلىكىمىز كېرەكلىكىنى ئۆگەتتى. ئۇ «بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى - شەيتان كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ مېنى بېسىپ چۈشكۈدەك قۇدرىتى ئەسلا يوقتۇر» دېدى. (ئىنجىل، يوھاننا بايان قىلغان خوش خەۋەر 30:14). بىز ھاياتىمىزنى بارلىق ئىبلىس تەسىرلەردىن پاكلىشىمىز كېرەك.

ئىبلىسنىڭ «بىزدە ھېچنىمىسى يوق» دېگەنلىك نېمە مەنىگە ئىگە؟ بۇ دېگەنلىك، ئۇنىڭ بىزنىڭ قەلبىمىز ۋە ياكى ئۆيىمىزدە ئۇنىڭغا تەۋە ھېچنىمە يوقتۇر. بىز تىلسىم ۋە تۇمارلارنى تاشلىۋېتىشىمىز كېرەك. ئۇلار پەقەت خۇراپىيلىق بولىدۇ. بىز چوقۇم شەھۋانە نەرسىلەر مەسىلەن: كىتاب ياكى ئەسەر، كىنو، ھەمدە زەھەر ۋە ئىسپىرتقا ئوخشاش ئەخلاقسىز گۇناھلارىن پەرھىز تۇتىشىمىز كېرەك. ئەگەر بىز ئۆلۈكلەر بىلەن سۆزلىشىدىغان ياكى لەنەت ئوقۇشقا ئوخشاش سېھىرگەرلىككە مۇناسىۋەتلىك مۇراسىملار پائالىيەتلەرگە ئارىلىشىپ قالغان بولساق، بۇلارنى دەرھال توختىتىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، بىز تېشىمىزنى شەيتانى تەسىردىن تازىلىيالايمىز. ئاندىن كىيىن، خۇدادىن بىزنى ئەپۇ قىلىشى ۋە ئىچكى دۇنيامىزنى پاكلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىشىمىز كېرەك.

ئۈچىنچى قەدەم: ھاياتىڭىزنى نۇر بىلەن تولدۇرۇڭ

ھەرزىتى ئەيسا سىزنى جىننىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققاندىن كىيىن، ئۇنى ھاياتىڭىزغا مەسئۇل بولۇشقا دەۋەت قىلىڭ. يۈركىڭىزنى قۇرۇقداپ قويماڭ. ھەزرىتى ئەيسا دېدى كى،

جىن بىرەر ئادەمنىڭ تېنىدىن ھەيدىۋېتىلگەندىن كېيىن، قۇرغاق دالالارنى ئارىلاپ چىقىپ، تۇرىدىغان جاي ئىزدەيدۇ، بىراق تاپالمايدۇ ۋە: «ئىلگىرىكى ئۆيۈمگە قايتاي» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن، جىن ئۇ ئادەمنىڭ تېنىگە قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ دىلىنىڭ يەنىلا بوش، شۇنداقلا پاكىز تازىلىنىپ رەتلەنگەن ئۆيدەك بولۇپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ-دە، ئۆزىدىنمۇ بەتتەر يەتتە جىننى باشلاپ كىرىپ بىللە تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ھېلىقى ئادەمنىڭ كېيىنكى ھالى بۇرۇنقىدىنمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ. (ئىنجىل، مەتتا بايان قىلغان خوش خەۋەر 43:12-45).

جىندىن پاكلىنىپ چىققان ۋاقتىڭىزدا، ھاياتىڭىزنى ئەيسانىڭ كىتابى، مۇقەددەس كىتاپنىڭ نۇرى بىلەن توشقۇزۇڭ. ھەزرىتى ئەيسا « مەن ماڭا ئېتىقاد قىلغانلار قاراڭغۇلۇقتا قالمىسۇن دەپ، دۇنياغا نۇر بولۇپ كەلدىم.» (ئىنجىل، يوھاننا بايان قىلغان خوش خەۋەر 46:12). ھەزرىتى ئەيسانىڭ كىتابىدىن بىر نۇسخا ئېلىڭ ۋە ھەر كۈنى ئوقۇڭ، ۋە ئۇنىڭ نۇرى قاراڭغۇلۇقنى چىقىرىپ تاشلىسۇن. يانفونىڭىز ياكى كومپيۇتېرىڭىزغا بۇ ئۇلىنىشتىن ئېرىشەلەيسىز:

كەلگۈسى ئۈچۈن بىخەتەرلىك

بىز ئىبلىس روھلارنىڭ ھەر قېتىمقىدىن بەكرەك ئاكتىپلاشقان ۋاقتىنىڭ ئاخىرلىغا يېقىن چاغلاردا ياشاۋاتىمىز. ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنىڭ قايتىپ كېلىشىدىن بۇرۇن، ئىخلاسمەنلەرنى ئالداش ئۈچۈن ئىبلىسنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ساختا مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ۋەھى قىلغان ئىدى. بەزىلىرىگە، جىنلار قورقۇنچلۇق ئەرۋاھ قىياپىتىگە كىرىپ پەيدا بولسا، يەنە بەزىلىرىگە ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن تۇغقانلىرىنىڭ روھىدەك كۆرۈنىدۇ. شەيتاننىڭ ئۆزىمۇ ھەتتا ئەيسا مەسىھنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالىدۇ!

بىراق سىز بۇ يالغانلارغا ئالدانماسلىقىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشسىڭىز، ئۇ ئىبلىسقا قارشى تۇرىشىڭىش ئۈچۈن سىزگە كۈچ بېرىدۇ. قەدىرلىك دوستۇم، بۈگۈن نېمىلا كۈرەش قىلىۋاتقىنىڭىز بولسىمۇ، ھەزرىتى ئەيسا سىزنى ئازاد قىلىشقا يول قويوڭ!

ئەگەر بىر ھەزرىتى ئەيسغا ئەگەشكۈچى ئىبلىس روھلاردىن پاكلىنىشىڭىز ئۈچۈن دۇئا قىلىشىنى ئۈمىد قىلسىڭىز، بۇ ۋاراقچىنىڭ كەينىدىكى ئۇچۇرلار ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

Copyright © 2023 by Sharing Hope Publications. ئۇشبۇ ئەسەر تىجارەت خاراكتېرى بولمىغان مەقسەت بىلەن بېسىلىشقا ۋە تارقىتىلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.
بۇ ۋاراقچىدىكى ئايەتلەر 2012- يىلى نەشىر قىلىنغان مۇقەددەس كىتاپ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى www.mukaddeskalam.com ھەم umkj.org ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىن ئېلىنغان. بارلىق ھوقۇقى قوغدالغان.

قىسقا خەۋەرلىرىمىز ئۈچۈن تىزىملىتىڭ

يېڭى مەتبۇئاتلار چىققاندا ئەڭ بۇرۇن خەۋەردار بولۇڭ!

newsletter-cover