سوراق كۈنىدە قورقماسلىق

سوراق كۈنىدە قورقماسلىق

خۇلاسە

قىيامەت كۈنىنى ئويلاش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە قورقۇنچ پەيدا قىلىدۇ. بىز ئاخىرەتتىكى سوراق كۈنىدىن ساق-سالامەت ئۆتۈپ كېتەلەيدىغانلقىمىزنى قانداق مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىز؟ خۇددى دۇنيادىكى سوتتا ئادۋوكاتنىڭ بىزنى ئاقلىغىنغا ئوخشاش، سوراق كۈنىدە بىزگە ياراشتۇرغۇچى بولۇشى ئۈچۈن خۇدا بىزگە بىر ئادۋاكات ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ رىسالە بىزگە بۇ ئادۋوكاتنى تونۇشتۇرىدۇ ۋە بىز كېلىدىغان سوراقنى ئويلىغان چېغىمىزدا قانداق قىلىپ كاپالەتكە ئېرىشىشنى ئۆگىتىدۇ.

چۈشۈرۈش

بىر كۈنى ئەتىگەن، مۇھىم بىر يىغىنغا قېتىلىش ئۈچۈن مېھمانخانىدىن چىقتىم. كېچىكىپ قالغان بولغاچقا، ماشىنىنى چەكتىن ئاشۇرۇپ تېز ھەيدىدىم. مەنزىلنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە، بىر ساقچى ماشىنامنى توختىتىپ ساقچىخانىغا بېرىشىم كېرەكلىنى ئېيتتى! ئۆزۈمنىڭ خاتا قىلغانلىنى بىلىدىغان بولغاچقا، بەك جىددىيلەشكەنتىم ۋە چارىسىز بىر ئەھۋالدا ئىدىم.

ساقچى ماڭا قارشى دېلو تۈزۈپ چىققاندىن كىيىن، مېنى يېقىن بىر يەردىكى سوتقا ئېلىپ چىقتى. ئۇ يەردە، مەن ئادۋوكاتلىق قىلىۋاتقان بىر دوستۇم بىلەن كۆرۈشۈپ قالدىم. ئۇ مېنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. مەن ئەھۋالنى چۈشەندۈرگەندىن كىيىن، ئۇ ماڭا «قورقما. سېنىڭ دېلورىڭنى مەن ھەل قىلىمەن.» دېدى. مەن بەك خۇش بولدۇم. مېنىڭ دوستۇم مېنىڭ ئادۋوكاتىم بولاتتى!

دوستۇم مەن تەرەپتە تۇرۇپ دېلوغا قاراپ چىققانلىقى ئۈچۈن، سوتچى ماڭا ئەڭ تۆۋەن چەكتە جېرىمانە قويدى. خۇداغا ھەمدۇسانا قىلغاچ سوت مەھكىمىسدىن چىقتىم.

ئەلۋەتتە يەر يۈزىدىكى بىر سوتچىنىڭ ئالدىغا چىقىش قورقۇنچلۇق ئىدى. بىراق بۇنى ھېساپلىشىش كۈنىدە خۇدانىڭ ئالدىغا چىقىشقا سېلىشتۇرغاندا ھېچنىمە ئەمەس ئىدى. ئەگەر ئۇ كۈن ئەتە يېتىپ كەلسە، سىز تەييار بولالامسىز؟

سوراق كۈنىگە تەييارلىق

بەزى كىشىلەر كۈتكەن سوراق كۈنىگە ئادەتتىكى پوزىتسىيە بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ. ئۇلار ھاراق ئىچىدۇ،تاماكا چېكىدۇ، قىمار ئوينايدۇ، كېچىلىك كۇلۇپلارغا بارىدۇ ۋە ناچار سىنلارنى كۆرىدۇ. ئۇلار بەلكى بۇ نەرسىلەرنىڭ خاتىرە كىتابىغا يېزىلىدىغانلىقىنى بىلىشى مۇمكىن، بىراق ئۇلار شەيتاننىڭ توزىقىغا چۈشۈپ كەتكەنلەر. ئۇلارنىڭ كارى يوق.

باشقا كىشىلەرنىڭ ئىنكاسى ھەددىدىن زىيادە قورقۇپ تۇرغانلىقى بولىدۇ. ئۇلار بىر دۇئا ۋاقتىنىمۇ قولدىن بېرىپ قويۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ بىر تېرىپ بولغان ئىتىقادىدا گۆر ئازابى ۋە دوزاق ئوتىنى شۇنچىلىك كۆپ ئويلايدۇكى خۇدانىڭ سۆيگۈسى ۋە كۆيۈمچانلىقىنى ئۇنتۇيدۇ.

خۇددى مەن قانۇننىڭ مەھكىمىسىدە بىر ئاۋوكاتقا ئېرىشكەنگە ئوخشاش، خۇدامۇ بىزگە سوراقتىن ئۆتۈشىمىزگە ياردەم قىلىدىغان بىر ئادۋوكات سۇندى. سېنىڭ يالغۇز قېلىشىڭغا كېرەك يوق!

بىزنىڭ ئادۋوكاتىمىز كىم؟

بىر ئادۋوكاتنىڭ بولۇشى ېيڭى ئىدىيە ئەمەس. ھەر يىلى مىڭلىغان ھاجىلار شىمالىي ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئاسىيادىكى مازارلارنى زىيارەت قىلىدۇ. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۇلۇغ يولباشچىلارىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئادۋوكاتلىق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ، ئۇلارنىڭ مازارلىرىدا دۇئا قىلىدۇ.

ئۇلۇغ يولباشچىلارغا ھۆرمەت قىلىش ياخشى ئىش بولسىمۇ، ئۇلارغا دۇئا قىلىش ياكى ئۇلارنىڭ شاپائىتىنى تەلەپ قىلىش پۈتۈنلەي ھارامدۇر. ئۇلار ئۆلگەن ۋە سىز ئۈچۈن ھېچنىمە قىلىپ بېرەلمەيدۇ. ھەتتە پەيغەمبەرلەرمۇ مازارلىرىدا قىيامەت كۈنىنى كۈتىۋاتىدۇ.

گەرچە ئۆلگەنلەردىن بىز ئۈچۈن شاپائەت تەلەپ قىلىش ھارام بولسىمۇ، شاپائەت كۈتۈش ئىدىيەسىنىڭ ئۆزى توغرا. ئەمما كىملەرنىڭ شاپائىتىنى خۇدا قوبۇل قىلىدۇ؟ بۇ كىشى چوقۇم

1. ھايات (چۈنكى ئۆلگەنلەر بىز ئۈچۈن گەپ قىلالمايدۇ).

2. گۇناھسىز بولۇشى كېرەك. (چۈنكى سوت تەرىپىدىن ئەيىپلەنگەن بىرى باشقىلارنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى قىلالمايدۇ.)

بۇ شەرتلەرگە كىمنىڭ سالاھىيىتى توشىدۇ؟ جەننەتتە ياشاۋاتقان ۋە پۈتۈنلەي ساپ بولغان، سۆيۈلگەن ھەزرىتى ئەيسا، يەنى ئەيسا مەسىھتىن باشقا ھېچكىم يوقتۇر.

ئويلاپ بېقىڭ - ئۆزىنى پۈتۈنلەي گۇناھسىز دىيەلەيدىغان باشقا بىرسى بارمۇ؟ ئادەم ئاتا چەكلەنگەن مېۋىنى يېگەن؛ نوھ شاراپ ئىچىپ مەس بولغان؛ ئبىراھىم يالغان سۆزلىگەن؛ مۇسا بىر كىشىنى ئۆلتۈرىۋەتكەن؛ داۋۇت بىر كىشىنىڭ ئايالىنى ئوغرىلىۋالغان ئىدى. سىز ھېچقاچان ھېچ گۇناھ ئۆتكۈزمىگەن ۋە ياكى ئەپۇ تىلىمىگەن بىر پەيغەمبەر تاپالمايسىز.

بىراق ھەزرىتى ئەيسا ئەزەلدىن گۇناھ سادىر قىلغان ئەمەس. ئۇ ئۆزى «مېنى ئەۋەتكۈچى مەن بىلەن بىللىدۇر... چۈنكى مەن ھەمىشە ئۇنى خۇش قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىمەن.» دەپ جاكارلىدى (ئىنجىلدىكى، يوھاننا باياين قىلغان خوش خەۋەر 8 - پارە 29 - ئايەت).

تىنچلىق بىلەن سوراققا يۆنىلىش

ھەزرىتى ئەيسا جەننەتتە ياشايدۇ ۋە پۈتۈنلەي گۇناھسىزدۇر. ئۇ مەن ۋە سىز ئۈچۈن ئادۋوكاتلىق قىلىشقا تەييار. ۋە ئۇ پات يېقىندا قايتىپ كېلىدۇ.

ئەگەر ئۇ ئىككىنچى قېتىم قايتىپ كەلسە، بۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداق، پەيغەمبەردىنمۇ بەكرەك - ئۇ ھېساپ كۈنىدە بىزنىڭ ئادۋوكاتىمىز، خوجايىنىمىز ۋە تىنچلىقىمىز بولىدۇ. ئۇ بىزگە: «بىلىپ قويۇڭلاركى، مېنىڭ تەلىمىم بويىچە ئىش كۆرگەنلەر ھەرگىز ئۆلمەيدۇ» دېدى (ئىنجىلدىكى، يوھاننا باياين قىلغان خوش خەۋەر 8 - پارە 51 - ئايەت).

ئەيسا ئۆلمىدى؛ ئۇ ھايات! ۋە ئۇ ھازىرمۇ دۇنيادا ئۆزىنىڭ جامائىتىنى قۇرۇپ چىقىۋاتىدۇ. ئۇ بەززىدە كىشىلەرنىڭ چۈشىدە ئاق توننىڭ ئىچىدىكى بىر ئادەم بولۇپ كۆرۈنۈپ ياكى بىز خۇداغا ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن دۇئا قىلغان چېغىمىزدا مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق بىزنى ئۆزىنىڭ جامائىتىگە دەۋەت قىلىدۇ.

سوراق كۈنىدە تىنچلىققا ئېرىشكۈڭىز بارمۇ؟ ھەزرىتى ئەيساغا بولغان ئېتىقادىڭىزنى ئىتىراپ قىلىڭ. بىز نېمىشقا ئاللىقاچان ئۆلگەن ۋە سوراق كۈنىدە ئۆزى ئۈچۈن قانداق جاۋاپ بېرىشنى بىلمەيدىغان كىشىلەرگە ئۆزىمىزنىڭ ئىشەنچىنى ئامانەت قىلىمىز؟ ئەيسا مەسىھ ئاللىبۇرۇن جەننەتتە بولىدۇ. ئۇنىڭ مۇكەممەل ھاياتى ئاللىقاچان پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ۋەكىللىك قىلىش ئۈچۈن تەستىقلانغان. خۇددى سوتخانىدكى ئادۋوكات دوستۇمغا ئوخشاش، ئۇ بىزگە ياردەم قىلىدۇ.

سىز بەلكىم بۇنداق ئاجايىباتلارنىڭ ھەقىقەتەن يۈز بېرەلەيدىغانلىقىغا ھەيران قېلىشىڭىز مۇمكىن. ھەزرىتى ئەيسا دېدى كى، «مېنىڭ نامىم بىلەن نېمە تىلىسەڭلار، مەن سىلەرگە شۇنى بېرىمەن» (ئىنجىلدىكى، يوھاننا باياين قىلغان خوش خەۋەر 14 - پارە 14 - ئايەت). مېنىڭ سىزگە دېگەنلىرىمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن سىناق قىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر ئەيسا ھازىرنىڭ ئۆزىدە ھاياتىمىزدىكى جىددى بىر ئەھۋالغا يېتىشەلىسە، ئۇنىڭ ئادۋوكاتىمىز بولالايدىغانلىقىغا ئىشەنسەك بولىدۇ. چىن قەلبىمىزدىن ئەيسانىڭ نامى بىلەن خۇداغا دۇئا قىلىڭ ۋە نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىغا قاراپ باقىڭ. سىز شۇنداق دەپ دۇئا قىلسىڭىز بولىدۇ:

ئى خۇدايىم، مېنىڭ ئەيسانىڭ ھەقىقەتەن سوراقتا بىزگە ئادۋوكاتلىق قىلىشى ئۈچۈن تاللانغانقىنى بىلگۈم بار. ئەگەر بۇ توغرا بولسا، (تەلىپىڭىزنى ئۆزىڭىز قوشۇڭ) توغىرىسىدىكى دۇئالىرىمغا جاۋاپ بەرگىن. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىسمى بىلەن سورايمەن. ئامىن.

ئەگەر ھەزرىتى ئەيساغا قانداق ئەگىشىش توغرىلىق كۆپرەك ئۇچۇرغا ئېرىشكۈڭىز بولسا، بۇ ۋاراقچىنىڭ كەينىدىكى ئۇچۇرلار ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

Copyright © 2023 by Sharing Hope Publications. ئۇشبۇ ئەسەر تىجارەت خاراكتېرى بولمىغان مەقسەت بىلەن بېسىلىشقا ۋە تارقىتىلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.
بۇ ۋاراقچىدىكى ئايەتلەر 2012- يىلى نەشىر قىلىنغان مۇقەددەس كىتاپ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى www.mukaddeskalam.com ھەم umkj.org ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىن ئېلىنغان. بارلىق ھوقۇقى قوغدالغان.

قىسقا خەۋەرلىرىمىز ئۈچۈن تىزىملىتىڭ

يېڭى مەتبۇئاتلار چىققاندا ئەڭ بۇرۇن خەۋەردار بولۇڭ!

newsletter-cover