
بىر كۆچمەنلىك چاقىرىقى!
خۇلاسە
تېخىمۇ ياخشى بىر جاينى ئارزۇلامسىز؟ بىخەتەر، خۇشاللىق ۋە ئارامچىلىق بولغان بىر يەرمۇ؟ بىز بۇ دۇنيانىڭ بىزگە تەمىنلەپ بېرەلمەيدىغانلىرىنى تەشنا قىلىمىز، چۈنكى ھەربىرىمىز جەننەت ئۈچۈن يارىتىلغان. ئەيسا مەسىھ ئاللىقاچان ئۇ يەرگە كەتكەن. ئۇ بۇ يولنى بىلىدۇ ۋە ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۆزىنى «يول!» (يەنى جەننەتكە بارىدىغان يول) دەپ ئاتايدۇ. بۇ رىسالە ئەيسا توغرىلىق مۇھىم ھەقىقەتلەرنى تەسۋىرلەپ بېرىپ جەننەتنىڭ پۇقراسى بولۇشقا تەييارلىىنىشىمىزغا ياردەم قىلىدۇ.
تۈر
رىسالە
نەشىر قىلغۇچى
Sharing Hope Publications
مەۋجۇت سانىنىدا:
34 تىللار
بەتلەر
6
ئابدۇمالىك ھارغىن بىر چال ئىدى. ئايالى ۋە بالىلىرى ئۆلگەندىن كىيىن، ئىسلام دۆلىتى (ISIS)دىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇ ئىراقتىن قېچىپ كەتتى. ئۇ ھازىر ئىئوردانىيەدە پاناھلىق تىلىگۈچى سالاھىيىتى بىلەن يالغۇز ياشايدۇ.
لېكىن ئەسلىدە ئۈمىدنىڭ ئۇچقۇنلىرى بار ئىدى. ئۇنىڭ كانادادا ياشايدىغان ۋە ئۇنىڭغا خىزمەت تېپىش قۇدرىتى بولغان بىر نەۋرە تۇغقىنى بار ئىدى. ھاياجانلىنىپ، ۋىزىغا ئىلتىماس قىلدى ۋە ئاسانراق تۇرمۇش ئېرىشىشنىڭ خىياللىرىنى سۈرۈشكە باشلىدى. ئاخىرىدا، بىر نەچچە يىل ساقلىغاندىن كىيىن، ئۇ كاناداغا بېرىش ئۈچۈن ۋىزىغا ئېرىشتى. ئابدۇمالىك بەك خۇشال بولغان ئىدى.
بىراق ئۇنىڭ خۇشاللىقى ئۇزۇنغا بارمىدى. كاناداغا يېتىپ بارغاندىن كىيىن، ئۇ كۆچمەن بولۇپ ياشاشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى بايقىدى. ئۇ ھەر كۈنى ئۆرە تۇرۇپ ئىشلەيتتى. قوشنىلىرى بەك ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلاتتى. شەھەر قاتنىشى ئۇنچىۋالا چۈشىنىشلىك ئەمەس - شۇنداقلا ئىنگلىز تىلىنى چۈشىنىش ئاسان ئەمەس ئىدى!
ئابدۇمالىك دائىم تېخىمۇ ياخشى بىر يەرگە بېرىشنىڭ خىيالىنى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى، لېكىن يېتىپ بارغان چېغىدا، يۈرىكىنىڭ ھېلىھەم ئاغرىۋاتقانلىقنى ھېس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۆڭلىدىكى بۇ كۈتۈشنى دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر جايى بىلەن توشتۇرۇپ توشتۇرالمايدىغانلىقىنى ئويلاشقا باشلىدى - ياكى جەننەتكە كىرگۈچە ساقلىشىشى كېرەكمۇ-يوق!
جەننەتكە كۆچۈپ بېرىش
سىزمۇ ئابدۇمالىكتەك ھېس قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ ياخشىراق بىر يەرگە ئېرىشىش ئارزۇسى ئىنسانلارنىڭ قەلبىگە يىلتىز تارتقان بولۇپ، پەقەت ھەقىقى ئۆيىمىز بولغان جەننەتكە كىرگەن چېغىمىزدا ئەمەلگە ئاشىدۇ. ۋە بۇ پات يېقىندا ئەمەلگە ئاشىدىغان بىر ئارزۇ! كۆزىمىزنىڭ ئالدىدا سائەتنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇشقا باشلىغانلىقىنى كۆرىمىز ۋە بۇ دۇنيا تېزلا ئاخىرلىشىدۇ.
ئەسىرلەردىن بېرى، يەھۇدىلار، خىرىستىيانلار ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى كىتاپلىرىنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ بۇ دۇنيادىن يەنە بىر دۇنياغا «كۆچۈشىمىز»دىكى ئاخىرقى بوسۇغىنى - يەنى قىيامەتنى ئالدىن بىشارەت بەرگەن. بۇ ئۈچ ئىتىقادنىڭ تەلىملىرىدە ئەڭ ئاخىرقى ھادىسىلەرنىڭ خۇلاسىسىغا مەسئۇل بولىدىغان بىر ئوبرازلىق مەسىھ ئالدىن بىشارەت بېرىدۇ.
ھەيران قالارلىقى شۇكى، ئىككىلىسى خىرىستىيان دىنىدىكى ۋە ئىسلامدىكى مەسىھ ئوبرازى ھەزرىتى ئەيسادىن باشقا بىرسى ئەمەس. ئۇ بولسا پەلەستىندە ياشىغاندا دۇنيانىڭ مەسىھنى ئىدى، لېكىن ئىككى مىڭ يىلدىن بېرى جەننەتتە ياشاۋاتىدۇ. ئۇ ئاخىرى قىيامەت كۈنىدە قايتىپ كېلىدۇ.
مۇسۇلمانلار ئەيسا مەسىھنىڭ قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ ۋە ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشى مۇقەددەس كىتابنىڭ ھەممىسىدە (تەۋرات، زەبۇر، ۋە ئىنجىل) تىلغا ئېلىنغان. ئۇ بۇ كىتابتىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ، تەپسىلاتلىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. خۇددى كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىكى ئوفېتسېرنىڭ ۋىزىنى قانداق ئېلىش توغرىلىق مۇھىم
يول كۆرسەتكىنىگە ئوخشاش، ھەزرىتى ئەيسا بىزگە جەننەتكە بارىدىغان توغرا يولنى تېپىشىمىز ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالامەتلىرىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرىدۇ.
ئەيسانىڭ دىيىشىچە جەننەت قانداق بىر يەر؟
ئىنجىل ھەزرىتى ئەيسانىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ، «مەن ھەربىرىڭلارغا ئورۇن تەييارلاش ئۈچۈن ، شۇ يەرگە كېتىپ بارىمەن. مەن تەييارلىق قىلغىلى بارىدىكەنمەن، چوقۇم قايتىپ كېلىپ، سىلەرنى مەن بىلەن ئېلىپ كېتىمەن. شۇنداق بولغاندا، مەن قەيەردە بولسام، سىلەرمۇ شۇ يەردە بولىسىلەر.» (ئىنجىل، يوھاننا 2:14-3). ھەزرىتى ئەيسا بىزنى جەننەتكە ئېلىپ بارالايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى!
ئۇ بىزگە ئۇ يەرنىڭ سۆيۈملۈك جايلىرىنى كۆرسىتىپ قويدى. ئۇ دېدىكى:
• ئەمدى ئۆلۈم ئەسلا بولمايدۇ، نە ماتەم، نە يىغا-زار، نە قايغۇ-ئەلەم بولمايدۇ (ۋەھىي 4:21).
• بىزنىڭ چىرايلىق ئۆيلىرىمىز بولىدۇ (يوھاننا 2:14).
• ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ھەر ئىككىسى باراۋەر ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ھوقۇققا ئېرىشىدۇ (گالاتىيالىقلار 28:3).
• ئۇ يەر نۇرغا، ھەققانىيەتكە ۋە خۇشاللىقا تولغان (ۋەھىي 21:21-25).
ھەقىقەتەن، ئۇ يەر قەلبىمىزنىڭ تەلپۈنگەن جايىدۇر!
ھەزىرىت ئەيسا نېمىشقا ئىككىنچى قېتىم قايتىپ كېلىدۇ
گەرچە خۇدا نۇرغۇنلىغان پەيغەمبەر ۋە مۇقەددەس خەۋەرچىلەرنى يوللىغان بولسىمۇ، ئەيسا مەسىھ بىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىككىنچى قېتىم قايتىپ كېلىدۇ. نېمە ئۈچۈن ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزى بىزنى قۇتقۇزۇشقا كېلىدۇ؟ نېمىشقا ئادەتتىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرى ئەيسانىڭ ئورنىغا ئەۋەتىلمەيدۇ؟ ئەيسانى پەقەت پەيغەمبەر بولغاننىڭ ئورنىغا بىزگە ياردەم قىلىشقا لاياقەتلىك نېمە بولىدۇ؟ بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىش كۆچمەنلىك ھىكايىسىگە ئوخشاش ئاسان. چۈنكى ۋىزىغا ئېرىشىش ئاسان ئەمەس، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ ئىشنىڭ يولىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن كۆچمەنلەر ئادۋوكاتى ياللايدۇ. ئەگەر بىزدە يول كۆرسەتكۈچى بولسا، بىز ئۇنىڭ بىزگە ياردەم قىلىشىغا ئىشىنەلەيمىز.
ئوخشاش يول بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئىككىنچى قېتىم قايتىپ كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن جەننەتنىڭ يولىنى بىلىدىغان ۋە ئۇ يەردە بىزگە باشچىلىق قىلالايدىغان بىرسىدۇر. ئۇ ئۆزىنى، «يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇرمەن» دەپ جاكارلىدى (يوھاننا 6:14).
خۇدا ئەۋەتكەن ھەر پەيغەمبەر ۋە خەۋەرچىلەر خاتالىق سادىر قىلدى ۋە ئەپۇ قىلىنىشنى تەلەپ قىلىش مەجبۇر بولغان ئىدى. لېكىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇنداق ئەمەس. ئۇ دۇنيادىكى 33 يىلىنى گۇناھسىز ياشىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ بىز ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى.
بىز چوقۇم بىردىنبىر گۇناھسىز كىشىدىن، ھەزرىتى ئەيسادىن جەننەتكە كىرىشنىڭ تەلەپلىرىنى قانداق بىجا كەلتۈرۈشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. پەقەتلا بۇ يول بىلەن بىز تولۇق كىرىشكە قادىر بولالايمىز. شۈكۈرلەر بولسۇنكى، بىز خۇدانىڭ كىتابى، مۇقەددەس كىتاپ يەنى تەۋرات، زەبۇر، ۋە ئىنجىلدىن بۇلارنى ئۆگىنەلەيمىز.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ قايتىپ كېلىشىگە تەييارلىق
سىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىر يەرگە كۆچۈپ بېرىشىڭىزنىڭ مۇقىملىشىشى بەك ھاياجانلىق ئەمەسمۇ؟ سىز خۇدانىڭ جەننەتتىكى شانلىق پادىشاھلىقىنىڭ پۇقرالىقىغا ئېرىشىشكە چاقىرىلدىڭىز! پات يېقىندا ھەزرىتى ئەيسا بىزنى ئۇ سۆيۈملۈك جايغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن كېلىدۇ.
سىزنىڭ سوراق كۈنىدە ئۇلارغا نېمە ئىشلار يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان كىشىلەرگە ئەگىشىش ئىھتىمالىڭىز يوقمۇ؟ ھەزرىتى ئەيسا بىلەن سىزنىڭ بۇنداق گۇمان قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. خۇدادىن سىزنىڭ ھەزرىتى ئەيسانىڭ توغرا يولىغا ئەگىشىشىڭىزنى تىلەڭ. تۆۋەندىكىدەك دۇئا قىلسىڭىز بولىدۇ:
ئى خۇدا، قەلبىم تېخىمۇ ياخشى بىر جاينى كۈتىدۇ. مېنى ۋە مەن سۆيگەن كىشىلەرنى بۇ دۇنيانىڭ قىيىنچىلىقلىرىدىن ئېلىپ چىققىن. كۆپ ۋاقىت قالمىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. سېنىڭ ماڭا تەييارلىغان ئاجايىپ جايغا بارالىشىم ئۈچۈن ماڭا يول كۆرسەتكىن. مەن بۇنى بىزنىڭ جەننەتكە كۆچۈشىمىزگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن تەيىنلىگەن ئەيسانىڭ ئىسمى بىلەن ئۆتۈنىمەن. ئامىن.
ئەگەر سىز ئىنجىلنىڭ ھەقىقى نۇسخىسىدىن بىرسىگە ئېرىشىشنى خالىسىڭىز، بۇ ۋاراقچىنىڭ ئارقىسىدىكى ئۇچۇرلار ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
Copyright © 2023 by Sharing Hope Publications. ئۇشبۇ ئەسەر تىجارەت خاراكتېرى بولمىغان مەقسەت بىلەن بېسىلىشقا ۋە تارقىتىلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.بۇ ۋاراقچىدىكى ئايەتلەر 2012- يىلى نەشىر قىلىنغان مۇقەددەس كىتاپ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى www.mukaddeskalam.com ھەم umkj.org ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىن ئېلىنغان. بارلىق ھوقۇقى قوغدالغان.
قىسقا خەۋەرلىرىمىز ئۈچۈن تىزىملىتىڭ
يېڭى مەتبۇئاتلار چىققاندا ئەڭ بۇرۇن خەۋەردار بولۇڭ!

تاماشىبىنلىرىڭىزنى تېپىڭ
تاللانغان مەتبۇئاتلار
© 2023 Sharing Hope Publications